ب د ت سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى

سىتافان دە مىستۇرە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پۇخرالارنى قوغدىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، «سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ۋارىل بومبىسىغا ئوخشاش ئىپتىدائىي ۋە ۋەيران قىلىش كۈچى يۇقىرى قوراللارنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

383571
ب د ت سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ۋارىل بومبا ئىشلەتمەسلىككە چاقىرىق قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتافان دە مىستۇرە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ۋارىل بومبا ئىشلىتىشكە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ زابادانى شەھىرىدە ۋارىل بومبا بىلەن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىدىن سىتافان دە مىستۇرەنىڭ قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سىتافان دە مىستۇرە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پۇخرالارنى قوغدىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، «سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ۋارىل بومبىسىغا ئوخشاش ئىپتىدائىي ۋە ۋەيران قىلىش كۈچى يۇقىرى قوراللارنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.
باياناتتا، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ ۋارىل بومبىنى كۆپ ئىشلىتىشى خەلق ئارىسىدا مىسالى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر ۋەيرانچىلىق ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىشەنچلىك يەرلىك مەنبەلەردىن ئىسپاتلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا قوزغىلاڭچىلارنىڭ روكىتامىيۇت ۋە كېچىك توپ بىلەن جاۋاپ قايتۇرىشى سەۋەبىدىنمۇ نۇرغۇن ساندا پۇخرانىڭ ئىدلىب، ئەل فۇئا ۋە كافېريا ئەتراپىدىكى ئىككى يېزىدا ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىدا قاپسىلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر