ياۋروپا-ئىران مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى

ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرىدە كۆرىنەرلىك نەتىجە ھاسىل بولغاندىن كېيىن ياۋروپا-ئىران مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

346475
ياۋروپا-ئىران مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ھاكىمىيىتى بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىران بولغان مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
گېرمانىيە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ تېھران يىغىنىدىن كېيىن بۇ قېتىممۇ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنت فابيۇسنىڭ ئىرانغا بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
29-ئىيۇلدا تېھراندا زىيان قىلىشى كۈتۈلىۋاتقان فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنت فابيۇسنىڭ ئىران پىرىزىدېنتى ھەسەن روھانى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ياۋروپا-ئىران مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىران دىنى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېينىڭ باياناتى ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.
ھامانېي يادرو مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ تېھراننىڭ ۋاشىنگىتوننىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىگە قارىتا، ۋاشىنگىتون دەرھال جاۋاب قايتۇردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي «ھازىر بۇنى قانداق چۈشىنىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ئەگەر ئىراننىڭ سىياسىتى مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا بۇ كىشىنى ئەندىشىگە ۋە قايغۇغا سالىدۇ» دېدى.
35


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر