سۈرىيەدە ئەسەد ئەسكەرلىرى پۇخرالارنى يەنە قەتلىئام قىلدى

ھاۋادىن ۋە قۇرغلۇقتىن تەڭلا قىلىنغان ھۇجۇمدا 89 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

383226
سۈرىيەدە ئەسەد ئەسكەرلىرى پۇخرالارنى يەنە قەتلىئام قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەسەد ئەسكەرلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى جايلارغا ھاۋادىن ۋە قۇرغلۇقتىن تەڭلا ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە 89 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ھەلەپ ۋە پايتەخت دەمەشق ئەتراپىدىكى جايلار شۇنداقلا دەرئا، ھەما، لازىقىيە ۋە دەيرۇززور قاتارلىق شەھەرلەردە 63 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا كىچىك بالا ۋە ئاياللارنڭىمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئارىلىقتا سۈريە ئەسكەرلىرىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەپنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان مەنبىج ناھىيسىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 26 نەپەر پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
قوزغىلاڭچى تەشكىلىي قۇرۇلمىلارغا مەسئۇل سۈرىيە ئۇمۇمي ئىنقىلاپ كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەسەد ئەسكەلىرىگە تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ ھەلەپنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تېررورلۇت تەشكلاتى دائېشقا قاراشلىق مەنبىجەدە 10 دىن كۆپرەك جايغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر