ھاماس رەھبىرى مەشئەلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى ئاخىرلاشتى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى خالىد مەشئەلنىڭ ئىككى كۈنلۈك سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى ئاخىرلاشتى.

382290
ھاماس رەھبىرى مەشئەلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەككىدە پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشكەن مەشئەلنىڭ زىيارىتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن تۇنجى ئۇچرىشىشى بولدى. زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، تەرەپلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھاماس ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى. ئىككى تەرەپ ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرىسى جەريانىدا، فەتىھ بىلەن ھاماسنىڭ يارىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىلىرىنىڭمۇ ئوتتۇىغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

23- يانۋاردا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان پادىشاھ ئابدۇللاھ مەزگىلىدە، ھاماس بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىش سەۋىيەسىگە بېرىپ قالغانىدى. سەئۇدىيلار، ھاماسنىڭ مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ۋە ئىران بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋەتلىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىپ كېلىۋاتاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر