نىگېرىيە بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى داماتۇرۇ شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشلاردا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

381614
 نىگېرىيە بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى پارتلاش روزا ھېيت نامىزى قىلىنىدىغان بىر جامە ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن، پارتلاشتا جامائەتكە ياردەم قىلىۋاتقان 2 نەپەر دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمىمۇ قازا قىلغان، ئۈچ خادىم يارىلانغان. ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاش بىرىنچىسىدىن بىرقانچە يۈز مېتىر يىراقلىقتا يۈز بەرگەن، ئۈچىنچى قېتىملىق پارتلاشتا بولسا 11 كىشى ئۆلگەن.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەسئۇللار بوكو ھارامدىن گۇمانلانماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر