ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلاردا 11 ئادەم ئۆلدى
ئۇكرائىنادا بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن ئۇكرائىنا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى.
381272
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا چارشەنبە كۈنى شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.
بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بومباردىمانىدا 8 نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 16 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
توقۇنۇشلاردا 2 بۆلگۈنچى ئۇنسۇر بىلەن 1 كىشى ئۆلدى. بۆلگۈنچى كۈچلەر ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى 35، چارشەنبە كۈنى 85 قېتىم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رايوندىكى مەتبۇئات خادىملىرى رۇسىيە چېگرىسىدىن دونباس رايونىغا رۇس ھەربىي ماشىنىلىرىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.