راكېتامىيۇت ياسىغان پەلەستىنلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

ئىسرائىلىيە، ھاماس ئەزاسى پەلەستىنلىك دىرار ئەبۇ سىسىنى راكېتامىيۇت ئىجاد قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، 21 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

380817
راكېتامىيۇت ياسىغان پەلەستىنلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىئرۇسسەبئەدىكى مەركىزىي سوت مەھكىمىسى، ئەبۇ سىسىنى راكېتامىيۇت ئىجاد قىلىش، ئامانلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىش ۋە ھاماسقا ئەزا بولۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، 21 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

خەۋەردە، «ئەبۇ سىسىنىڭ ھاماسنىڭ راكېتامىيۇت ئىجاد قىلىش جەھەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر كىشىسى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەبۇ سىسىنىڭ 40 كۈن ئىچىدە سوتنىڭ قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بار.

پەلەستىن ئۇچۇر مەزكىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2011- يىلى 19 – فېۋرالدا ئۇكرائىنادا موسساد جاسۇسلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئەبۇ سىسى، 4 يىلنىڭ مابەينىدە يالغۇز كىشىلىك كامىردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىدە، ئەبۇ سىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، كېسەللىكىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر