خىتاي دائىرىلىرى 20 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر خەيرى – ئىھسان ئورگىنى بۈگۈن (چارشەنبە) بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ شىمالىي قىسمىدا 20 ساياھەتچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

380617
خىتاي دائىرىلىرى 20 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ھىندىستان پۇقرالىرىدىن تەركىپ تاپقان 20 چەت ئەللىك ساياھەتچى، بەزىلىرىنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» بىلەن ئالاقىسى بارلىقى شۈبھىسى بىلەن ئىچكى موڭغۇلىيەدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى «Gift of the Ceffers» ناملىق خەيرى – ساخاۋەت ئورگىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 11 ساياھەتچىنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى، قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركۇز ئورگاننىڭ خىتاي دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ بىر قىسمى مېھمانخانىدىكى ياتاقلىرىدا ئولتۇرۇپ چەكلەنگەن بىر تەشكىلاتنىڭ ۋىدېئولىرىنى كۆرۇۋاتقان ئەسنادا قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 9 كىشىنىڭ بەشى جەنۇبىي ئافرىقا، ئۈچى ئەنگلىيە، بىرى ھىندىستانلىق ئىكەن.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىلىكى باياناتچىسى رويتېرز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «كونسۇلخانا خادىملىرى ياردەم قىلىش مەقسىتىدە مەزكۇر كىشىلەرنى يوقلىدى، بىز خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز» دېگەن. لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئەلچىخانىسى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا ئىزاھات بەرمىگەن، ھىندىستان ئەلچىخانىسى بولسا، بۇ ئىشتىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

«Gift of the Ceffers» ناملىق خەيرى – ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 47 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىگە ئاتلانغان مەزكۇر كىشىلەر ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى ئوردوس ئايرودۇرۇمىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۈمەكنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى، يەكشەنبە كۈنىگىچە يەنى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىنمۇ ئۇلاردىن خەۋەر ئالالمىغاندىن كېيىن باشلىرىغا «قورقۇنچلۇق» بىر ئىش كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغان.

مەزكۇر ئورگان، «ئۇلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق، شۇنداقلا ئۇلار دۆلەتلىرىدىمۇ جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر