ئافغانىستاندا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 56 ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تالىبان ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.

379265
ئافغانىستاندا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 56 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان فەرياب ۋىلايىتىنىڭ ئالتە ناھىيەسىدە تالىبان قوراللىقلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 56 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

فەرياب جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇبھانقۇل ئىبراھىمى، قوراللىقلارنىڭ فەريابنىڭ ئەلمار، كايسەر، پەشتۇن كوت، گۇرزىۋان، خوجا سەبزپوش ۋە شىرىن تەگاب ناھىيەلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە چىققان توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

توقۇنۇشلاردا 44 تالىبان ئەزاسى بىلەن 12 نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىبراھىمى، 31 تالىبان ئەزاسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 2 ئەزاسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىبراھىمى، كۆپ ساندا قورال ۋە ئوق – دورىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلگەن ھالدا، جامائەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھاۋادىن تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق ياردەم قىلىنغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد بولسا، توقۇنۇشلاردا 20 دىن ئارتۇق جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئونلارچە ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ كۆپ ساندا ساقچى پونكىتىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر