مەشھۇر قارا گوروھ باشلىقى گۇزمېن يەنە بىر قېتىم تۈرمىدىن قاچتى

دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك قارا گوروھى كاتىۋاشلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان مېكسىلىق خۇاكىن گۇزمېن، مېكسىكىنىڭ ئەڭ بىخەتەر تۈرمىسىدىن قېچىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

344831
مەشھۇر قارا گوروھ باشلىقى گۇزمېن يەنە بىر قېتىم تۈرمىدىن قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ گۇزمېننىڭ ئىككىنچى قېتىم تۈرمىدىن قېچىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قارا گوروھ باشلىقى گۇزمېن، ئاخىرقى قېتىم تۈنۈگۈن (شەنبە كۈنى) كەچ سائەت 9:30 يېرىم ئەتراپىدا پايتەخت مېكسىكو سىتىغا 90 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئالتىپلانو تۈرمىسىدە كۆرۈلگەنىدى.

گۇزمېننىىڭ تۈرمىدىكى كامېرىدىن بىر يېرىم كىلومېتىر يەرگىچە تونېل كولىغانلىقى بايقالدى.

باشقىلار تەرىپىدىن ‹ئەلشاپو› يەنى پاكىنەك، دەپ ئاتىلىدىغان گۇزمېننى تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلاندى. تاشيوللار قامال قىلىندى، ھاۋا قاتنىشى ئومۇمىيۈزلۈك توختىتىلدى.

1993 – يىلى تۈرمىگە كىرگەن گۇزمېن، 2001- يىلى كىر سىۋىتىگە يوشۇرۇنىۋېلىپ تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، تاكى ئۆتكەن يىلى تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان مازاتلان ساياھەت رايونىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەنىدى. ئامېرىكا، ئامېرىكىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان گۇزمېننىڭ يەنە تۈرمىدىن قېچىپ كېتىش خەۋپىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، مېكسىكا تەرەپ، گۇزمېننىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان 24 يىللىق قاماق جازاسىنى ئورۇندىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، تەلەپنى رەت قىلغانىدى.

فوربېس ژۇرنىلىنىڭ «دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك كىشىلىرى» تىزىملىكىدىنمۇ ئورۇن ئالغان گۇزمېننىڭ 1 مىليارد دوللار ئەتراپىدا مال – مۈلكى بار، دەپ قارىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر