يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇزۇلدى

يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شەنبە كۈنى 00.00 ئېتىبارى بىلەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

378963
 يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇزۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىراق ئارىدىن 2 سائەت ئۆتمەيلا سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پايتەخت سەنئانى بومباردىمان قىلدى.
بومباردىمان بىلەن بىرلىكتە قاتتىق پارتلاشلار مەيدانغا كەلدى.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىش ھارپىرىسىدا ھەم ھۇسىيلار ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستان كېلىشىمنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئۈمىدسىز ئىكەنلىكلىرىنى جاكارلىغانىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ 26 – مارت كۈنى ھۇسىيلارغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە دۆلەتتە 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
رامىزاننىڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىغان كېلىشىمگە ئاساسەن ئاچارچىلىق گىردابىغا بېىرپ قالغان مىڭلارچە پۇقراغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش پىلانلىنىۋاتاتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە بولغان ئۈچىنچى دەرىجىلىك جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان يەمەن خەلقىنىڭ ئەجەللىك ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر