تايلاند خەلقى ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىدى

كەچۈرۈمنامىدە، بۇ جىنايەتكە ھەرگىزمۇ تايلاند خەلقىنىڭ ئورتاق ئەمەسلىكى، چوقۇم بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن ھېساب سورايدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

344742
تايلاند خەلقى ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند خەلقى خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ۋە بىر يېرىم يىلدىن بۇيان قاماقتا يېتىۋاتقان پاناھلانغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى ۋە پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىدىن ئەپۇ سوراپ مەخسۇس كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلدى.
«ئى ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلار!» دېگەن خىتاب بىلەن باشلانغان كەچۈرۈمنامىدە، تايلاندتا ھازىر ھەربىي دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ دەۋر سۈرۈۋاتقانلىقى، خەلقئارا قانۇنلارغا شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە خىلاپ ھالدا ئازغىنە پۇلغا سېتىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكى، بۇ جىنايەتكە ھەرگىزمۇ تايلاند خەلقىنىڭ ئورتاق ئەمەسلىكى، چوقۇم بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن ھېساب سورايدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر