يادرو مۇزاكىرىلىرىدە سۈركىلىش يۈز بەردى

ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىدە ئاۋىسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالى ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

338722
يادرو مۇزاكىرىلىرىدە سۈركىلىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دائىرىلىرىگە ئاسالىنىپ ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، زارىف بىلەن موغېرىنى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرانغا قاراتقان قورال - ياراغ ئېمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش - تارتىش جەريانىدا ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
موغېرىنىنىڭ زارىفقا، «ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالىمىساڭلار، مۇزاكىرىلەرنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرساڭلارمۇ بولىدۇ» تەرىقىسىدىكى سۆزىگە قارىتا، زارىفنىڭ، «ئىرانلىقلارغا تەھدىت سېلىشنى خىيالىڭلارغا كەلتۈرگىلى بولماڭلار» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى، تالاش – تارتىشقا ئىشتىراك قىلغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭمۇ، «رۇسلارغىمۇ تەھدىت سالىمىز دەپ خام خىيال قىلماڭلار» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي بىلەن رۇسىيە، ئىرانغا قارىتىلغان قورال - ياراغ ئېمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا بۇنىڭغا قارشى چىقماقتا.
يادرو مۇزاكىرىلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى بىلەن گېرمانىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان 1+5 گۇرۇپپىسى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا داۋاملاشماقتا.
مۇزاكىرىلەرنىڭ بۈگۈن داۋاملىشىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر