كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى

مەركىزىي نىيۇ يوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىگە «ھوقۇقنىڭ شەرمەندىلەرچە دەپسەندە قىلىنىشىدۇر» دەپ باھا بەردى

338821
كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي نىيۇ يوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىگە «ھوقۇقنىڭ شەرمەندىلەرچە دەپسەندە قىلىنىشىدۇر» دەپ باھا بەردى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھلادا خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاش بىلەن ئەيىبلىدى.

تەشكىلاتنىڭ ئاسىياغا مەسئۇل مۇئاۋىن مودىرى، «سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى بانكوك ئۇ ئۇيغۇرلارغا ۋەھشىيلەرچە مۇئامىلە قىلدى ۋە ئۇلارغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا دەپسەندە قىلغاندا ھالدا، ئاكىسى خىتايغا قۇربان قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر پىچكا، دەپ قارىدى.» دېدى.

روبېرتسون سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تايلاند ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن بىر يىل بويىچە مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقىنىڭ مەسئۇللىرىغا بەرگەن ‹ئۇيغۇرلار ئازاب يولىغا قەتئىي قايتۇرۇلمايدۇ› دېگەن قانچىلىغان ۋەدىلىرىگە خىلاپ قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر جازالارغا دۇچار بولۇش ياكى خىتايدىكى ئېنىقسىز قانۇنلارنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر