تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى سۆھبىتى مەغلۇپ بولدى

ئافغانىستان ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي كۈزەتكۈچىلىرى نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتى ئۈنۈمسىز ئاخىرلاشتى.

337477
تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى سۆھبىتى مەغلۇپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرى ئارىسىدا پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىگە يېقىن يەرگە جايلاشقان مۇرى بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى قېتىملىق رەسمىي ئۇچرىشىش نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.

تەرەپلەر، مۇزاكىرىلەرنى رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى قازى خەلىلۇللاھ، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىگە ئامېرىكا ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭمۇ كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇزاكىرىگە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ياكى تالىبان تەرەپتىن كىملەرنىڭ ۋەكىللىك قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان خەلىلۇللاھ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئافغانىستاندا خاتىرجەملىك يارىتىش ۋە يارىشىش ھاسىل قىلىش مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، رايوندا خاتىرجەملىكنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مۇساپىگە ياخشى نىيەت ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىشتىراك قىلىش، شۇنداقلا ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پاكىستاندىكى دىپلوماتىك مەنبەلەرمۇ، ئۇچرىشىشتا ئۇرۇش توختىتىش ۋە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى، لېكىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كونكېرت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن 10 ئاي ئىلگىرى سايلام ئارقىلىق تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى رەسمىي تىنچلىق مۇزاكىرىسى، توقۇنۇش، پارتلاش ۋە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى بىلەن كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت ـ ئافغانىستان ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ دۇبەي، ئوسلو ۋە دوھادا ئافغانىستان ھەيئىتى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرى ئارىسىدا مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، ئۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ رەسمىي ئەمەسلىكىنى، ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر