ھاماس ھەرىكىتى غەززەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس تەرەپدارلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز قولغا ئېلىش قىلمىشلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

336835
ھاماس ھەرىكىتى غەززەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىندىكى ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس تەرەپدارلىرى، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نابلۇس، راماللاھ، بەيت لەھم شەھەرلىرىدە 10 پەلەستىنلىكنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، غەززەدە نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى قانۇنسىز ھالدا سوراققا تارتىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

غەربىي قىرغاقنىڭ جىبالىيە شەھىرىدىمۇ ھاماس ھەرىكىتى تەرەپدارلىرى ئەزالىرىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھەر خىل باھانىلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا غەربىي قىرغاقتا ئىزچىل زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، پەلەستىنلىكلەرنى نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ.

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى مۇزاكىرە باشقارمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 6 مىڭ پەلەستىنلىك مەھبۇس بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر