نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيە بىلەن كېنيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

336227
نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ زارىيا شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 25 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.
بىر مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمنى بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
كېنىيەنىڭ ماندېرا ناھىيەسىدە ئەششاباب تېررورلۇق تەشكىلاتى بىر كۆمۈر كانغا يېقىن جايدىكى ئولتۇراق رايونغا ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا 14 ئىشچى ئۆلدى.
كۆمۈر كان ئىشچىلىرىغا ئېغىر زەربە بەرگەن ئەششاباپ تەشكىلاتى بۇلتۇر دېكابىردىمۇ 36 ئىشچىنى قەتلى قىلغانىدى.
تەشكىلات يەنە بۇ يىل ئاپرېلدا گارىسسا ناھىيەسىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 148 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر