ئىران يادرو مۇزاكىرلىرىدىن يەنە كۆزلىگەن نەتىجە چىقمىدى

جون كېررىي ئىران يادرو مۇزاكىرلىرىدىن كۆزلىگەن نەتىجىنىڭ چىقمىانلىقىنى بىلدۈردى.

333603
ئىران يادرو مۇزاكىرلىرىدىن يەنە كۆزلىگەن نەتىجە چىقمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران يادرو مۇزاكىرلىرى ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، يادرو مۇزاكىرىلىرىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يادرو مۇزاكىرىلىرىدە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
ھازىرغىچە ھەل قىلىنالماي كېلىنىۋاتقان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن مۇزاكىرىلەرنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان كېررىي مۇنداق دېدى: «كېلىشىم بەرپا قىلىنالمىغان تەقدىردە مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن قوپۇپ كېتىشكە مەجبۇرمىز. ئەمما بۇنداق بىر نەتىجىنى ھېچكىممۇ خالىمايدۇ، بىز كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالايمىز.»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى، بىراق مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىشىچە تىرىشىپ كۆرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىران ۋولتېر شىتايىنمايېر ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەردىن نەتىجە بىلەن ئايرىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىپ مۇنداق دېدى: «نەتىجىگە ئېرىشەلمىسەك ھەممە تەرەپ مەغلۇب بولغان بولىدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر