يەمەندە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
يەمەندە شىئە كاتتىۋاشلار نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا 28 ئادەم ئۆلدى.
325911
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ پايتەختى سانئادا بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ پارتىلتىلىشى نەتىجىسىدە 28 ئادەم ئۆلدى.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا پايتەخت سانئادا ماتەم مۇراسىمى ئۈچۈن 2 شىئە كاتتىۋېشىنىڭ ئۆيلىرى ئالدىغا يىغىلغان جامائەت نىشانغا ئېلىندى. پارتلاشتىن كېيىن ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا ئۇرۇش مەيدانغا ئايلاندى.
ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 8نىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى دائېشنىڭ سادىر قىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.