ئافغانىستاندا ساقچى ئىدارىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ھۇجۇمىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە نۇرغۇن ساندا ساقچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

326026
ئافغانىستاندا ساقچى ئىدارىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ ھېلماند شەھىرىدە ساقچى ئىدارىسىغا بومما ئاپتومومبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 2 كىشى ئۆلۈپ، 51 كىشى يارىدار بولدى.
2 نەپەر ساقچى بىلەن قوشۇلۇپ، بەزى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە نۇرغۇن ساندا ساقچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
كۈچلۈك پارتلاش يۈزىسىدىن ساقچى ئىدارىسى بىناسىدىن باشقا ئەتراپتىكى بىنالارمۇ زىيانغا ئۇچرىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر