دائېش ئىراقتا بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى

مۇشۇنىڭ بىلەن دائىشنىڭ فەللۇجەدە بىر ئاي ئىچىدىلا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

322185
دائېش ئىراقتا بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراق ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، دائېش مىلتانلىرى فەللۇجەدىكى ئەل بىلۇۋەن رايونىدا ئىراق ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن.
مۇشۇنىڭ بىلەن دائىشنىڭ فەللۇجەدە بىر ئاي ئىچىدىلا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەنبەلەر، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ دائېش مىلىتانلىرىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاش، ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كوردىناتلىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 2014 – يىلى 10 - ئىيۇندا مۇسۇلنى ۋە ئارقىدىنلا باشقا رايونلارنى تارتىۋېلىشى بىلەن باشلانغان ئۇرۇشلار ئىراقنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە داۋاملاشماقتا.
ئىراق ئارمىيەسى بىلەن پەشمەرگە قوراللىق كۈچلىرى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارمۇ ئىراق ئارمىيەسىگە ھاۋادىن ياردەم قىلماقتا.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر