يەمەندىكى ھاۋا ھۇجۇملىرى 9 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5، ھۇسىيلارنىڭ ئەدەندىكى بومباردىمانىدا بولسا 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

320573
يەمەندىكى ھاۋا ھۇجۇملىرى 9 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى ستېفىن ئوبراين، يەمەندىكى تەرەپلەرنىڭ پۇقراۋىي نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى ئەيىبلىدى.
ئوبراين خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يەمەندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە دوكلات سۇنغاندا، «يەمەندە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئىنسان ھاياتىغا قىلچىلىكمۇ ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ، دائىم دېگۈدەك مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرى، سۇ مەنبەلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ باياننامە ئېلان قىلىپ، يەمەندە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
باياننامىدە، قەھەتچىلىك ئىنتايىن ئەۋج ئېلىپ كەتكەن يەمەندىكى پورتلارغا يۈك پاراخوتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەن پورتلىرىغا داۋاملىق ئېمبارگو يۈرگۈزمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر