ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى يېڭى ۋەزىيەت پارىژدا مۇزاكىرە قىلىندى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوران فابىيۇس ئۇچرىشىشتىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى يېڭى ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

318387
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى يېڭى ۋەزىيەت پارىژدا مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئۇكرائىنا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە رۇسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر يەرگە جەم بولدى.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوران فابىيۇس ئۇچرىشىشتىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى يېڭى ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
لوران فابىيۇس رايوندا ئىجتىمائىي ئىقتىساد، سىياسەت ۋە ئىنسانىي مەسىلىلەرنىڭ نورمال ھالغا كېلىشى ئۈچۈن دەرھال يېرىكچىلىكلەرنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى كېرەكلىنى ئېيتتى.
باياناتتا «نوماندىيە تۆت تەرەپ» دەپمۇ ئاتىلىدىغان فىرانسىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق تۆت تەرەپنىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ۋە بېرىلگەن ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
12 – فېۋرالدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللارنى چېكىندۈرۈش كېلىشىمىدىن كېيىن رايوندا مۇشۇ ئاي قايتىدىن ئۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر