ئىراقتا 3 مىليون كىشى ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

ئىراقتا 2014 – يىلى يانۋار ئېيىدىن بۇ يىل ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە 3 مىليون 87 مىڭ 372 كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

315931
ئىراقتا 3 مىليون كىشى ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى ئىراقتا يېقىنقى 17 ئاي ئىچىدە ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار سانىنىڭ 3 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا باياناتچى جۇئېل مىلمان سۆز قىلىپ، ئىراقتا 2014 – يىلى يانۋار ئېيىدىن بۇ يىل ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە 3 مىليون 87 مىڭ 372 كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.
جۇئېل مىلمان ئىراقتا يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ %55 ىنىڭ دېگۈدەك قوراللىق كىشلەر تەرىپىدىن قورشارغا ئېلىنغان رامادى شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنگە قەدەر ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ %45 ى باغداتتا ۋە %35 ى ئانباردا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان مىلمان، 1 مىليون 162 مىڭ 998 كىشىنىڭ ئانباردا ۋە 1 مىليون 52 مىڭ 16 كىشىنىڭ نىنوۋادا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر