توبرۇك ئەسكەرلىرى بىلەن دائېش ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

لىۋىيەدە توبرۇك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئەسكەرلەر بىلەن دائېش قوراللىقلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 7 نەپىرى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 18 ئادەم ئۆلدى.

312543
توبرۇك ئەسكەرلىرى بىلەن دائېش ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان دەرنە شەھىرىنىڭ ئەلفەتاتىھ رايونىدا دائېش ئەزالىرىنىڭ توبرۇك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئەسكەرلەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىشىدىن كېيىن باشلانغان توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.

2011- يىلىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن پەيدا بولغان ھاكىمىيەت بوشلۇقى تۈپەيلى، دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى پەرقلىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا پات – پات توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر