ئەسەد قىسىملىرى ھەلەبكە ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملار ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا راكىتامىيۇتلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

311955
ئەسەد قىسىملىرى ھەلەبكە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى. ھۇجۇمدا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملار ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا راكىتامىيۇتلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ, 15 كىشى يارىدار بولدى.
بەششار ئەسەد قىسىملىرى ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاھالە رايونلاردىن بۇستان ئەل قەسىرگە ئوكسىگىن تۇڭلىرى بىلەن ياسالغان ۋە (فىل) دەپ ئاتىلىدىغان راكىتامىيۇتلارنى ياغدۇردى.
ھۇجۇمدا ئايال ۋە كىچىك بالىلار بىلەن قوشۇلۇپ, 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 15 كىشى يارىدار بولدى.
رايوندىكى يەرلىك ئاخباراتچىلاردىن ئەبۇ ئاممار , ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ بۇستان ئەل قەسىر رايونىغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساندا ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ۋە بەزىلىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەممار ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر كۈنى ھاۋادىن ۋە قۇرۇغلۇقتىن ھۇجۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر