جەنۋە مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىدى

يەمەندىكى ھۆكۈمەت ۋە ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىدى.

310989
 جەنۋە مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تەرەپلەر بىر – بىرىنى ھەمكارلاشماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، يەمەندە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 80 تىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياردەم ئۈچۈن 1 مىليارد 600 مىليون دوللار يىغىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
يەمەن ئۈچۈن پەقەت 200 مىليون دوللار يىغىلغانلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەدە بەرگەن بولۇشىغا قارىماي ماددىي ياردەم بەرمىگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ مارت ئېيىدا ئىشقا كىرىشتۈرگەن ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 2 مىڭ 600 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر