ئىسىرائىلىيە غەززە ھۇجۇمىنىڭ ئۈستىنى ياپتى

ئىسىرائىلىيە 50 كۈن داۋاملاشقان غەززە ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلىرىنى تاماملىدى.

304552
ئىسىرائىلىيە غەززە ھۇجۇمىنىڭ ئۈستىنى ياپتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەززە ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئىيۇل ئېيىدا باشلانغان ھۇجۇملارنىڭ «قانۇنغا ئۇيغۇن»؛ نىشانلىرىنىڭ «قانۇنلۇق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكلاتتا، 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى «تەلەيسىزلىك» دەپ يېزىلدى ۋە ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پۇقرالارنى قەستەن ئېتىپ ئۆلتۈرمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بولسا، دوكلاتنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئېلان قىلىدىغان دوكلاتنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسىرائىلىيەدىكى بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات غەززە ھۇجۇمى جەريانىدا ئەسكەرلەرگە، «ھەرىكەت قىلغان ھەممە نەرسىگە ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكى» نى خاتىرىلەتتى.
ئىسىرائىلىيە غەززە ساھىلىدا 9 ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان پەلەستىنلىك تۆت بالىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىمۇ «بالىلارنىڭ مېلىتانلارغا ئوخشىتىلىپ، خاتا ھالدا ئېتىپ تاشلانغانلىقى» نى تەكىتلىدى.
بالىلارنىڭ ئائىلىلىرى بۇ مەسىلىنى ب د ت ئۇرۇش جىنايەتلىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر