لىۋىيە تۇتۇپ كېتىلگەن كونسولخانا خادىملىرىدىن خەۋەر كەلدى

تۇنىس مەسئۇللىرى كونسولخانا خادىملىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ نەتىجىلىك كېتىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

303512
لىۋىيە تۇتۇپ كېتىلگەن كونسولخانا خادىملىرىدىن خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 10 كىشىنىڭ تىرابلۇستا ئىكەنلىكى ۋە سالامەتلىكلىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۇنىس مەسئۇللىرى كونسولخانا خادىملىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ نەتىجىلىك كېتىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۇنىس ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەگەر بىرەر مەسىلە كۆرۈلمىگەن تەقدىردە، كونسولخانا خادىملىرىنىڭ پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تىرابلۇستىكى تۇنىس كونسۇلخانىسىغا بىر گۇرۇپپا قوراللىق كىشىلەر بېسىپ كېرىپ، 10 نەپەر كونسولخانا خادىمىنى گۆرۈگە تۇتۇپ كەتكەن ۋە قەيەرگە ئېلىپ كەتكەتلىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان ئىدى.
گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچىلار، تۇنىس ھۆكۈمىتىگە شەرت قويۇپ، مەركىزىي تىرابلۇستا تۇرۇشلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا قاراشلىق «لىۋىيە شەپىقى ھەرىكتى» رەھبەرلىرىدىن ۋەلىد ئەل كۇلەيبنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر