تۈركىيە دائېشقا قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ گ-7 يىغىنىدا قىلغان «ئىراق بىلەن سۈرىيەگە چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ بېرىشىنى چەكلەشتە، تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش كېرەكلىكى» توغرىسىدىكى سۆزلىرى پەيدا قىلغان ئەكس سادالار كۈچەيمەكتە.

302084
تۈركىيە دائېشقا قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جېف رېيىسكى تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار ئېقىمى، ئىنسانىي تىراگېدىيە ۋە ئۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئىراق ۋە سۈرىيەگە بارىدىغان چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدە، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ۋە بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە، چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراققا بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنىڭ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە ھازىرقى ۋاقىتتا يولغا قويۇۋاتقان قوشۇمچە تەدبىرلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە بارلىق شېرىكلەر قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ بارلىق ئۇسۇللىرىدا تۈركىيە بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورناتتۇق، تۈركىيە بۇ مەسىلىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، تۈركىيە بىلەن داۋاملىق يېقىندىن ھەمكارلىق ئورنىتىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر