ب د ت يەمەندىكى ئۇرۇشلارنىڭ توختىشىنى چاقىرىق قىلدى

يەمەننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەدەن شەھىرىدە ھۇسىيلارنىڭ پۇقرالار ياشايدىغان رايونلارغا مىنامىيوت ئوقى ئېتىشى نەتىجىسىدە، 10 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 ئادەم يارىلاندى.

302168
ب د ت يەمەندىكى ئۇرۇشلارنىڭ توختىشىنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى قىسىملار مارىب ۋىلايىتىنىڭ جۇفەينە رايونىدا، مىنامىيوت ۋە كاتۇشالارنى نىشان قىلغان ھالدا ھۇسىيلارغا ئېغىر زەربە بەردى.
ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان پەيتلەردە، ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ باياناتچىسى ستېفىن دۇيارىك، يەمەندە ئىككى ئايدىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ۋە چىققان توقۇنۇشلاردا 234 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1037 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن ھۇسىيلارغا قارشى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى چاقىرىق قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر