ياۋروپا ئىتتىپاقى - لاتىن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى

ياۋروپا ئىتتىپاقى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

301144
ياۋروپا ئىتتىپاقى - لاتىن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىپ ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى بىريۇسسېلدا باشلاندى. «ئورتاق كېلەچىكىمىزنى بەرپا قىلايلى» سەرلەۋھىلىك يىغىن، رايونلار ئارا سىياسىي دىيالوگ ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدۇ. يىغىندا تەرەپلەر كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقتا. 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا تەرەپلەر خەلقئارالىق ھەمراھلىق ئىستىراتېگىيەلىرى توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. بۇ ئارىلىقتا، كولومبىيە بىلەن پېرۇ پۇقرالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدۇ. كولومبىيە بىلەن پېرۇ پۇقرالىرىنىڭ ئەنگلىيە ۋە ئىرېلاندىيە سىرتىدىكى 26 دۆلەت بىلەن ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسارىيە ۋە لىچتېنشتېينغا 90 كۈنگىچە ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان كېلىشىمنىڭ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە كۈچكە ئىگە بولۇشى نىشان قىلىنماقتا. كولومبىيە ۋە پېرۇ بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سچېنگېن كېلىشىمى دائىرىسىدە ۋىزا ئېلىنمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 38 گە يەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر