مېكسىكىدا ئوقۇتقۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

مېكسىكىدا ئوقۇتقۇچىلار پىرىزىدېنتقا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

301848
مېكسىكىدا ئوقۇتقۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن ئوقۇتقۇچىلار، پىرىزىدېنت ئېنرىك پېنا نىيتونىڭ مائارىپ ئىسلاھاتلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى سىنايدىغان يېڭى مائارىپ بەلگىمىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەققىي سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ بەلگىلىمىگە قارشى چىقماقتا.
بۇ بەلگىلىمە بويىچە بولغاندا، ئوقۇتقۇچىلار بۇ يىلدىن باشلاپ يېڭى بەلگىلىمە دائىرىسىدە كەسپىي ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلىقى، ناۋادا ئىمتىھاندىن 3 قېتىم ئۆتۈلمىسە، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
مەملىكەت ئىچىدە كەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىمۇ تەنقىد قىلغان ئوقۇتقۇچىلار، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن سايلام ئەسناسىدا ئۆلتۈرۈلگەن كەسىپداشلىرىنىڭ دەپنە مۇراسىىغىمۇ قاتناشتى.
ئوقۇتقۇچىلار سېنتەبىر ئېيىدا گېررو ئۆلكىسىدە يوقاپ كەتكەن 43 ئوقۇغۇچىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەۋھۇم ئىكەنلىكىدىنمۇ نارازى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر