ئاقسارايدا تەھدىت تېلېفونى سەۋەبىدىن جىددىيچىلىك يۈز بەردى

ئاخباراتچىلار سىرتقا چىقىرىلغاندىن كېيىن زالدا (K-9) رازۋېتكا ئاپشاركىلىرى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. ئارقىدىنلا ئاقساراينىڭ شىمالىي قىسمىمۇ يۈتۈنلەي بوشىتىلىدى.

299196
ئاقسارايدا تەھدىت تېلېفونى سەۋەبىدىن جىددىيچىلىك يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئاقسارايدا بىخەتەرلىك جىددىي سىگنالى چېلىندى.
ئامېرىكىدا ئاقساراينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا گۇمانلىق قۇتا ھەممىنى چۆچۈتتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېستنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە تۇيۇخسىز كىرىپ كەلگەن ئىستىخبارات خادىملىرى ئۇنىڭ سۆزىنى يېرىمىدا توختىتىپ، بارلىق ئاخباراتچىلارنى زالدىن سىرتقا چىقاردى.
ئاخباراتچىلار سىرتقا چىقىرىلغاندىن كېيىن زالدا (K-9) رازۋېتكا ئاپشاركىلىرى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. ئارقىدىنلا ئاقساراينىڭ شىمالىي قىسمىمۇ يۈتۈنلەي بوشىتىلىدى.
بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاق سارايغا كەلگەن بىر تەھدىت تېلېفونى سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، بىراق تەھدىتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
شۇ كۈنى ئەتىگىنى پالاتانىڭ ئىسخانىلىرىدىن بىرسىدىمۇ يەنە شۇنداق جىددىيچىلىك يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر گۇمانلىق قۇتا بايقالغانلىقىغا دائىر تېلېفون كەلگەندىن كېيىن بىنانىڭ بىر قانچىلىغان قەۋىتى بوشىتىلغان ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر