جەنۇبىي كورېيەدە مېرس ۋىرۇسى خەۋپى باش كۆتۈردى

جەنۇبىي كورېيەدە يەنە 2 كىشى مېرس ۋىرۇسى يۇقۇملىنىپ ئۆلدى.

299821
جەنۇبىي كورېيەدە مېرس ۋىرۇسى خەۋپى باش كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېرس ۋىرۇسىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن جەنۇبىي كورېيەدە، يەنە 2 كىشى ئۆلدى، 13 كىشى ۋىرۇستىن يۇقۇملاندى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 9غا، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بولسا 108گە يەتتى.
پىرېزىدېنت پاكگۇنخې مېرس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىشى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ۋىرۇس جەنۇبىي كورېيەنىڭ ساياھەت، سودا ۋە ئىقتىسادىغىمۇ تەھدىت سالماقتا.
مېرس ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەتەرلىك ۋەزىيەت سەۋەبىدىن سودا-سېتىق ۋە ئويۇن-تاماشا مەركەزلىرى تاقىۋېتىلدى، چەت ئەلدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى %30 ئازايدى.
دۇنيادا ھازىرغىچە 1257 كىشى مېرس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسا، مېرس ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ئىككىنچى دۆلەت جەنۇبىي كورېيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر