باغدادتا قاتتىق پارتلاشلار يۈز بەردى
باغدادنىڭ غەربىي رايونىدا يۈز بەرگەن ئىككى ئايرىم - ئايرىم پارتلاشتا 6 كىشى ئۆلۈپ، 21 كىشى يارىدار بولدى.
299187
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پارتلاشلاردىن بىرسى باغدادنىڭ شەرقىدىكى رىستۇرانلار ۋە ماگزېنلار كۆپ رايوندا يۈز بەردى. بومبا ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
باغدادنىڭ جەنۇبىدا بولسا، يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 ئەسكەر بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
باغدادنىڭ غەربىي رايونىدا يۈز بەرگەن ئىككى ئايرىم - ئايرىم پارتلاشتا 6 كىشى ئۆلۈپ، 21 كىشى يارىدار بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.