ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تۈركىيەدىكى سايلامنى يېقىندىن كۆزەتتى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 25-قېتىملىق ئومۇمىي سايلامنى يېقىندىن كۆزەتتى.

296088
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تۈركىيەدىكى سايلامنى يېقىندىن كۆزەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 25-نۆۋەتلىك ئومۇمىي سايلاملارنى يېقىندىن كۆزەتتى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى سايلام نەتىجىلىرىنى نىيۇيوركتا قۇرۇلغان سايلام مەركىزىدىن تەقىب قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، مەتبۇئات ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى بىلەن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا تەييارلانغان مەركەزگە قۇرۇلغان تېلېۋىزور ئېكرانلاردا سايلام نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى. تۈرك تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ سايلامغا مۇناسىۋەتلىك پىروگرامملىرى نەق مەيدان تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن يەتكۈزۈلدى.
تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سەردار كىلىچ، تۈركىيەدىكى سايلاملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكى، سايلىغۇچىلارنىڭ سايلاملارغا ئەركىن ئىرادىسى بىلەن قاتناشقانلىقىنى ۋە دېموكراتىك قائىدە-پىرىنسپلىرىغا مۇۋاپىق ھالدا سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر