ئىسرائىلىيە ھەربىي نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە قەسسام قىسىملىرىغا ئائىت ھەربىي نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى.

294902
 ئىسرائىلىيە ھەربىي نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى بەيت لەھيە رايونىدا ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەتتىن ئەلقەسسام قىسىملىرىغا ئائىت نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى.
ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ھاۋا ھۇجۇمىدا ھەربىي نىشانلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 26 – ماي كۈنى غەززە رايونىدىن دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا راكېتامىيۇت ئېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، كېيىنچە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ ۋە جان يۇنۇس شەھەرلىرى بىلەن بەيت لەھيە رايونىغا ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغانىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ئېچىلىدىغان كەرم ئەبۇ سالىم ۋە بەيت خاتۇن چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر