خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەنىڭ ۋارىل بومبىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

294027
خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان باياننامىدە، يېقىندىن بۇيان ھەلەب ۋىلايىتىدە ۋارىل بومبىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇقرالار نىشان قىلىنىۋاتقان بارلىق ھۇجۇملار ئەيىبلەندى.
باياننامىدە ۋارىل بومبىسى ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇنلىغان نارىسىدە بالىلار بىلەن ئاياللارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى ھەمدە بارلىق تەرەپلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشى مۇراجىئەت قىلىندى.
پۇقرالارنى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ ئالدى بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياننامىدە، ئى ش ئى د، ئەن نۇسرە ئالدىنقى سېپى ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئەيىبلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر