«ئامېرىكىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي بار»
ئامېرىكا دائىرىلىرى فېدېرال خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ساقلانغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ئۇچۇر تېخنىكا سىستېمىلىرىغا، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىشخانىسى 4 مىليون ئەتراپىدىكى بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى فېدېرال خىزمەتچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنىڭ «خاككېر ھۇجۇمى» غا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاپرېل ئېيىدا تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر جەريانىدا، ئۇچۇر تېخنىكا سىستېمىلىرى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا «خاككېر ھۇجۇمى» قىلىنغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىنتېرنېت تور بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەنلىكى، مەزكۇر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
مەركىزىي ھۆكۈمەتكە تەۋە ئورگانلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىختەرلىكىنى تەكشۈرۈشكە، مەلۇمات توپلاشقا ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى قوغداشقا مەسئۇل دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىشخانىسى، بۇ «خاككېر ھۇجۇمى» نىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىدى. ئەمما، تاراتقۇلار بۇ ۋەقەنىڭ 2014-يىلى دېكابىردا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى، بۇ تور ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي خاككېرلىرى بار، دەپ قارىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ قاراشلارنى رەت قىلىپ، «مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.