«تۈركىيەنىڭ كوردلارغا قىلغان خىزمىتىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ»

سىرۋان بارزانى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كورد مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

293064
«تۈركىيەنىڭ كوردلارغا قىلغان خىزمىتىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ماھمۇر ۋە گۇۋەر رايونىدىكى پەشمەرگە قوماندانى سىرۋان بارزانى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كورد مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەربىلدىكى بىر ھەربىي بازىدا سۆز قىلغان بارزانى، رايوندىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، «كۆپ ياردەمگە ئېرىشتۇق. تۈركىيەگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيەدە 10 يىلنىڭ مابەينىدە قىلىنغان ئىشلار ناھايىتى ئىجابىي، بولۇپمۇ ھۆرمەتلىك ئەردوغان تاشلىغان قەدەملەر 30 يىلنىڭ مابەينىدە تاشلانمىغان تولىمۇ جەسۇرانە قەدەملەردۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر