ئوباما: خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشەنمەيدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ‹خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىكىرىنىڭ ئەستايىدىللىقى› غا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

292106
ئوباما: خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشەنمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2 – قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوباما، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئومۇمىي سايلاملاردىن ئىلگىرىكى باش مىنىستىر بولىدىغانلا بولسا، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقمايدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن باياناتىنى ئەسلەتكەن ھالدا، ‹ئىسرائىلىيەنىڭ ئىناۋىتىنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكى› نى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا رامكا كېلىشىمى تۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە بۇ ‹ئۈمىدسىز› لىكتىن قۇتۇلۇش يولىنى تېپىش ئۈچۈن تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئوباما، ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئېمبارگولارنىڭ ئىراننى توختىتىپ قالالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلدى ۋە ھەربىي ئۇسۇل قوللىنىشنىڭ پەقەت ئۆتكۈنچى چارە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «نۆۋەتتە بىز مۇزاكىرە قىلىۋاتقان كېلىشىم، يادرو بومبىسى ياساش ئېھتىماللىقىنى 20 يىل بويىچە كۈنتەرتىپتىن چىقىرىپ تاشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر