جەنۇبىي كورېيەدە «مېرس» ۋەھىمىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا
جەنۇبىي كورېيەدە جان ئالغۇچى يوقۇملۇق كېسەل، دەپ ئاتالغان مېرس (نەپەس يولى كېسىلى) باكتېرىيەسى ۋەھىمىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا.
292111
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مىقياسىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ مەزكۇر كېسەللىك بايقالغانلارغا ئاجرىتىلغان ئالاھىدە بۆلمىلىرىگە باكتېرىيە يۇقتۇرۇۋالغان بولۇش ئېھتىماللىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ كەلتۈرۈلگەن بىمارلارنىڭ سانى 200 دىن ئېشىپ كەتتى، باكتېرىيە يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ئېنىقلانغان بىمار سانى 30 غا يەتتى.
كېسەللىكنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە 200 مەكتەپتە دەرس توختىتىلدى.
جەنۇبىي كورېيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719199314)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.