بىرلەشمە كۈچلەر، دائېشقا قارشى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىكەن
ھارف، دائېش (ئى ش ئى د) قا قارشى بىرلەشمىگە ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەر بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىي ھارف، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئى ش ئى د) قا قارشى بىرلەشمىگە ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەر بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتى.
ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلاتقا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللاش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ھارف، ئەنبار ۋىلايىتىنىڭ تېررورچىلاردىن قۇتۇلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن مىڭ دانە تانكىغا قارشى قورالنىڭ ئۆتكەن ئاي ئىراققا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈنۈگۈن (سەيشەنبە) فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان ‹دائېشقا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى قارارلار چىقىرىلغان› بىر كۈنلۈك يىغىندا سۆز قىلغان ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئابادى، بىرلەشمىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن 25 دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەمدەم بولۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.
ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن ئابادى، دائېش سېپىگە قېتىلىۋاتقان چەت ئەللىك جىھادچىلار سانىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.