خىتاينىڭ ساياھەت پاراخوتى چۆكۈپ كەتتى

450 تىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان پاراخوتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ياڭزى دەرياسىدا چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 400 دىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتتى.

300556
خىتاينىڭ ساياھەت پاراخوتى چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە 30 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 50 – 80 ياش ئارىسىدىكى 400 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان ۋە 47 كاپىتانى بار پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە قاتتىق قارا قويۇن ۋە يامغۇر سەۋەب بولغان. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق قاتتىق بوران - چاپقۇن ۋە يامغۇر تۈپەيلى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەن. پاراخوتنىڭ قاتتىق قارا قويۇن تۈپەيلى ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشقا ئئۈلگۈرمەيلا چۆكۈپ كەتكەنلىكى تەخمىن قىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا قاراپ يولغا چىققان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر