بەششار ئەسەد دائېش بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلماقتا

ئەسەد جامائەتچىلىك ئالدىدا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقاندەك باياناتلارنى ئېلان قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دەل ئەكسىچە ئۇزۇندىن بۇيان دائېش مەۋجۇت بولغان جايلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.

300836
بەششار ئەسەد دائېش بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيە ھارف: «سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىنىڭ ھەلەب ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىلىپ بارغان ھەمدە 70 تىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ۋارىل بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.
ھارف گەرچە ئەسەد جامائەتچىلىك ئالدىدا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقاندەك باياناتلارنى ئېلان قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دەل ئەكسىچە، ئۇزۇندىن بۇيان دائېش مەۋجۇت بولغان جايلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە. ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى دائېشقا قېتىلىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە» دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەسەد قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى يوقىتىپ بولغىلى ئۇزۇن بولدى. گەرچە جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغان باياناتلىرى بولسىمۇ، ئۇ ھېچقاچان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ياخشى ئورتاق بولالمايدۇ. بۇ قېتىمقى دوكلاتلار، ئەسەدنىڭ ھەم تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى بىخەتەر جايلىرىنى يوقىتىشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن دائېشنىڭ تېخىمۇ كۈچيىشىگە ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.»
يەنە بىر تەرەپتىن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا دائېشقا قارشى كۈرەش خەلقئارا بىرلەشمە يىغىنى چاقىرىلىدى. يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتنىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر