ئامېرىكا بىلەن ۋىيېتنام ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە يۈزلەندى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاش كارتېر بۈگۈن (دۈشەنبە) پايتەخت خانويدا ۋىيېتنام مۇداپىئە مىنىستىرى فىڭ گۇاڭچىڭ بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

300144
ئامېرىكا بىلەن ۋىيېتنام ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە يۈزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاش كارتېر بىلەن فىڭ گۇاڭچىڭ، كارتېرنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئارال بەرپا قىلىش ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقى ئۈستىدە پىكىرلەشتى.

1955 – يىلىدىن تاكى 1975 – يىلىغىچە ئۆزئارا ئۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن، تېخى يېقىنقى 20 يىلنىڭ مابەينىدە ئۆزئارا ئالاقە ئورناتقان ئامېرىكا بىلەن ۋىيېتنامنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى مەزمۇن قىلغان ئورتاق باياناتقا ئىمزا قويدى.

كارتېر، كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋىيېتنام ئارمىيەسىنىڭ ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مانېۋىرلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مەشىق لاگېرى تەسىس قىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خانويدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بىر ئامېرىكىلىق تىنچلىق ساقلاش ئىشلىرى مۇتەخەسسىسىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر تۈنۈگۈن (يەكشەنبە) ۋىيېتنام دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىن چارلاش كېمىلىرى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ۋىيېتنامغا 18 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.

ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم ئاسىيادا زىيارەتتە بولغان ئاش كارتېر، تېخى يېقىندىلا رايوندىكى دۆلەتلەرنى بېيجىڭنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى مول دەتالاشلىق جەنۇبىي  دېڭىزغا سۈنئىي ئارال بەرپا قىلىشىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغانىدى.

ۋىيېتنام مۇداپىئە مىنىستىرى بايانات بېرىپ، «ۋىيېتنام يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدىكى ئاراللاردا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى» نى ئېيتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر