يەمەندە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا

ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە خەلق تىركىشىش كۈچلىرى بىلەن ھۇسىي ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 42 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

296240
يەمەندە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئەدەندە ھۇسىيلارغا ئائىت نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى. بومباردىمان ۋە توقۇنۇشلاردا 40 ھۇسىي مىلىتانى ئۆلدى. مەغرىب شەھىرىدە ھۇسىيلارنىڭ ئاھالىلار رايونىنى بومبىلىشى نەتىجىسىدە 2 نارىسىدە بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشى يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر