تىكرىتتە ئاممىۋى مازار تېپىلدى
ئىراقنىڭ تىكرىت شەھىرى ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان 470 كىشىگە ئائىت ئاممىۋى مازار تېپىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئاممىۋى مازارلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د بۇلتۇر ئىيۇن ئېيىدا قولغا كىرگۈزگەن بىر ھەربىي بازا ئەتراپىدا تېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئى ش ئى د بۇ بازىدىن 1700 گە يېقىن ئەسكەرنى ئەسىرگە ئېلىۋالغانىدى. ئاممىۋى مازارلاردىن چىقىرىلغان جەسەتلەر مەزكۇر ئەسكەرلەرگە ئائىت دەپ قارالماقتا. ئىراقلىق جەسەت تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىدىن سىرت يەنە، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ تەكشۈرگەن جەسەرلەرنىڭ كىملىكى DNA سىنىقى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلىدۇ ۋە ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ. ئىراق ئارمىيەسى تىكرىتنى ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ئۆتكەن ئاي قايتۇرۇۋالغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719161592)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.