مالايشىيا مۇساپىرلارنىڭ جەسەتلىرىگە دائىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى

مالايشىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىرى لاگېرلىرى ئەتراپىدا بايقالغان 139 مازارغا ئالاقىدار دېلو دائىرىسىدە 12 ساقچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

295331
مالايشىيا مۇساپىرلارنىڭ جەسەتلىرىگە دائىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مازارلاردىن چىقىرىلغان جەسەتلەرنىڭ بىرمادىن قاچقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار بىلەن باڭلادىشلىق مۇساپىرلارنىڭ جەسەتلىرى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ساقچىلار ۋە نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تاشلاندۇق لاگېرلاردا قىيىن – قىستاققا ئېلىش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ سادىر قىلىنغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان. بۇ سەۋەبتىن چېگرانىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە تەكشۈرۈشنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىمۇ سوراق قىلىنغان.

دېلو دائىرىسىدە لاگېرلاردا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇشىغا قارىماي، ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن ساقچىلارمۇ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىقى بىلدۈرۈلدى.

مالايشىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، 28 لاگېردىكى 6 ئورۇندا باشلانغان كولاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، جەسەتلەرنىڭ تېخى تولۇق چىقىرىلىپ بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كولاپ چىقىرىلغان جەسەتلەر تايلاند چېگراسىدىكى نازارەت لاگېرلىرىدا ئىسلامىي بەلگىلىمىلەرگە مۇۋاپىق يۇسۇندا قايتىدىن دەپنە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر